تىنچ ئوكياندا 7.2 بال يەر تەۋرىدى

تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلەتلىرى ۋانۇئاتۇ بىلەن يېڭى كالېدونىيە  دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.2 بال يەر تەۋرىدى.

550699
تىنچ ئوكياندا 7.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى كالېدونىيە ئارىلىنىڭ 109 كىلومېتىر شەرقىدە يەرنىڭ تېگىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 7.2 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن. ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن، ئەمما ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىكار قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، «تىنچ ئوكياندىكى ئوت ھالقىسى» نىڭ يەر تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان ۋانۇئاتۇدا پات – پات يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر