گېرمانىيەدە بىر باغچىدا 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى پارتلىمىغان بومبا بايقالدى

باياناتچىسى، بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە تەخمىنەن 600 كىشىنىڭ ئۆيلىرىدىن باشقا جايغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

550820
گېرمانىيەدە بىر باغچىدا 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى پارتلىمىغان بومبا بايقالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە بىر مەكتەپنىڭ باغچىسىدا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى پارتلىمىغان بومبا بايقالدى.

كۆلىن شەھىرىدە تۈركلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مۈلھېم رايونىدىكى بىر مەكتەپنىڭ باغچىسىدا ئېلىپ بېرلىۋاتقان قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا بايقالغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن خىزمەتلەر باشلاندى.

كۆلىن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى باياناتچىسى، ئامېرىكا ياسالغان مەزكۈر بومبىنىڭ يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 4 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتچىسى، بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە تەخمىنەن 600 كىشىنىڭ ئۆيلىرىدىن باشقا جايغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

گېرمانىيەدە ئولتۇراق رايونلاردا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان نۇرغۇن ساندا پارتلىمىغان بومبىلارنىڭ  بارلىقى مەلۇم. بۇ بومبىلار بايقالغان ھامان كونتروللۇق بىر شەكىلدە پاچاقلاپ تاشلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر