ئامېرىكىلىق بىر ياش ترامپنى قوللاش ئۈچۈن 58قەۋەتلىك بىناغا ياماشتى
ئامېرىكىدا 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپنى قوللاش ئۈچۈن «ترامپ تاۋىر» بىناسىغا ياماشقان بىر ياش قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق بىر ياش نىيۇ يوركنىڭ مانخاتتون رايونىدا دۈمبىسىدىكى سومكىسى بىلەنلا «ترامپ تاۋىر» غا ياماشقان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نىيۇ يورك ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. نىيۇ يورك ساقچى دائىرىلىرى بىنا جايلاشقان 5-كوچىدا قاتناشنى توختاتقان ۋە بىنانىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ، كىملىكى نامەلۇم ياشنى ساقلاپ تۇرغان. ۋىرجىنىيە ئىشتاتلىق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان 20 ياشلىق ياش، ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۈچۈن باش مەركەز قىلىپ پايدىلانغان 58 قەۋەتلىك بىنادا بىر قانچە سائەتلىك يامىشىشتىن كېيىن، 21-قەۋەتتە ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ھەرىكىتىنى توختاتقان.
بىناغا ياماشقان ياش 21-قەۋەتتە جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇ ترامپنى ھەرىكىتى بىلەن قوللىغانلىقىنى ۋە بىناغا يامىشىش سەۋەبىنىڭ «دىققەت تارتىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.