خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيە باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇردى

خىتاينىڭ خەلىق قۇرۇلتىيى، خىتاينىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇرۇش قارارىنىڭ شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

549519
خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيە باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۈگۈن (11- ئاۋغۇست) بايانات بېرىپ، سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كې جىيەننىڭ ئورنىغا چى چىيەن جىننىڭ باش ئەلچىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن يېڭى ئەلچىنىڭ قارارنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى، 29 – مارتتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇۋاپىق چارە تېپىش تەرەپدارى بىر دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى شىياۋيەننى خىتاينىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان؛ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لى، بېيجىڭنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئەڭ ياخشى چارە، دەپ قارايدىغانلىقىغا، سۈرىيەگە ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلىشىنىڭ سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە ھەسسە قوشىدىغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر