ياپونىيە بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينى ئىككىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇردى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىڭ يوڭنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى.

548153
ياپونىيە بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينى ئىككىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينى ئىككىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇردى؛ ياپونىيە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى دەتالاشلىق ئاراللار يۈزىسىدىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىپ كەتمەسلىكى توغرىسىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (سەيشەنبە) بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىڭ يوڭنى چاقىرىتىپ، خىتاينىڭ مەۋجۇت ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە جىدديلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دىپلومات چىڭ يوڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىداغا ‹شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى دەتالاش قىلىنىۋاتقان ئاراللارنىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دەتالاشنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە سۆھبەت ئۇسۇلى بلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى› ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، «ئۇنىڭ (كىشىدا) غا دىياۋيۈ ئاراللىرىنىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ بۆلۈنمەس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ سۇلاردا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ تەبىئىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئىشلارنىڭ تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق سۆھبەت  ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتىم» دېدى.

ئاسىيانىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە ياپونىيە تەرىپىدىن سىنكاكو، خىتاي تەرىپىدىن دىياۋيۈ، دەپ ئاتىلىۋاتقان دەتالاشلىق ئاراللاردىكى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇلغايغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر