ئامېرىكا: تۈركىيە مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ۋە دوست دۆلەت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېلىزابېت ترۇدېئۇ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ۋە دوست دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

548057
ئامېرىكا: تۈركىيە مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ۋە دوست دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېلىزابېت ترۇدېئۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەۋالار ھەققىدە توختىلىپ، «بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردۇق، پۈتۈنلەي بىمەنە دەۋا. ئېلان قىلىنغان ھەممە نەرسىگە جاۋاب بەرمەيمەن، توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتمايمەن. توغرا بولغان بىردىنبىر نەرسە، دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىمىزدۇر» دېدى.

باياناتچى ئېلىزابېت ترۇدېئۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 9 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ست.پتېرسبۇرگدا يۈزتۇرانە كۆرىشىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، تۈركىيەنىڭ بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقدېشى، دوست ۋە شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاب بەردى.

ئېلىزابېت ترۇدېئۇ، تۈرك ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى بىر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش، دەپ قارايدىغان بولۇشىغا قارىماي، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولمىغانلىقىدىن «ئەپسۇسلانغانلىقى» خاتىرىلىتىلگەندىمۇ ‹تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ۋە دوست دۆلەت ئىكەنلىكى› نى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر