توكيو بېيجىڭدىن شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېيجىڭدىن شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرى، ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى دەتالاشلىق رايونغا رادار ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق مەسىلىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەزىرىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيو بېيجىڭنىڭ دەتالاشلىق رايوندىكى مەزكۇر نېفىت تەكشۈرۈش سۇپىلىرىنى ھەربىي رايون سۈپىتىدە ئىشلىتىش نىيىتىنىڭ ئىشارىتى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ياپونىيە بېيجىڭنى بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ھالدا، شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش سۇپىلىرىنى ئورنىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.