ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قۇندۇزدا تالىبانغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبانغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

544741
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قۇندۇزدا تالىبانغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تالىباننىڭ 5 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قۇندۇز ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى گېنېرال مۇھەممەد قاسىم چەنگەلباغ بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قۇندۇزنىڭ ‹قەلئەئى زال› ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تالىباننىڭ 5 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ  بىرىنىڭ پاكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ تالىبان تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن بىرى ئىكەنلكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان تەرەپ ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر