ئىراقتا دائېشچىلار بىر نېفىت قۇدۇقىغا ھۇجۇم قوزغاپ 9 ئادەمنى قەتلى قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى بىر نېفىت قۇدۇقى بىلەن گاز ئىستانسىسى دائېشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 9 ئادەم ئۆلدى.

541687
ئىراقتا دائېشچىلار بىر نېفىت قۇدۇقىغا ھۇجۇم قوزغاپ 9 ئادەمنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە نېفىت قۇدۇقى بىلەن گاز ئىستانسىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 9 ئادەم ئۆلدى.

خەۋپسىزلىك دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە  ھەسەن نېفىت قۇدۇقى بىلەن جىۋان گاز ئىستانسىسىغا سوقۇنۇپ كىرگەن 5 دائېشچى ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتىلاتقان.

تېررورچىلارنىڭ گاز ئىستانسىسىدا ئۆزلىرىنى پارتىلتىشتىن ئىلگىرى 4 خادىمنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە مىنا ئورۇنلاشتۇرغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

نېفىت قۇدۇقىدىكى پارتلاشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ھازىرغىچە كونترول قىلىنمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇ نېفىت قۇدۇقى بىلەن گاز ئىستانسىسى كەركۈن شەھەر مەركىزىنىڭ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،  پەشمەرگە  بىلەن ساقچى كۈچلىرى بۇ جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر