ئامېرىكا بىلەن ئىراق مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى

ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى دۇنفورد بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى كۆرۈشتى.

541852
ئامېرىكا بىلەن ئىراق مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئۈستىدە  كېڭەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل-ئىبادى باغدادقا كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى جوسىف دۇنفورد بىلەن ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى باش مىنىستىرلىق قونالغۇسىدا قوبۇل قىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن تۇيۇقسىز ئىراققا كەلگەن ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد بىلەن باش مىنىستىرى ئىبادى مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى، تېررورىزىمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ئىراقنى قوللىشى ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تەربىيەلىنىش مەسىلىسى بويىچە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلغان.

دۇنفورد تېررورچىلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىنى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تېگىشلىك ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

بۇنىڭدىن باشقا، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەتە ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفوردنى قوبۇل قىلىدۇ.

باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىنالى يىلدىرىم بىلەن دۇنفورد ئەتە چانكايا سارىيىدا كۆرۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر