خىتايدا يەنە بىر ياپون جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خىتاي دائىرلىرى بىر ياپوننىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

541751
خىتايدا يەنە بىر ياپون جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خىتاي بىر ياپوننىڭ ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، بىر ياپوننىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىدىن گۇمان قىلىنىپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نازارەت ئاستىدىكى بۇ شەخسنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقە توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى، بىراق ياپونىيەگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە مېدىياسىمۇ پەيشەنبە كۈنى 15-ئىيۇلغىچە خىتايدا ساياھەت قىلىۋاتقان بىر ياپوننىڭ ياپونىيەگە قايتىپ كەلمەسلىكى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئىز-دېرىكىنىڭ بولماسلىقىغا قارىتا، خىتايدا جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى.

خىتايدا بۇلتۇرمۇ 4 ياپونىيەلىك جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #جاسۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر