تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ «گۈلەن نېمىشقا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن توغرۇلۇق  سورىغان «فەتھۇللاھ گۈلەن نېمىشقا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى.

541126
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ «گۈلەن نېمىشقا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر 60 كۈن تۇتقۇن قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ ھەقتە تۈركىيە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئايرىم - ئايرىم 2 مەكتۇپ يازغانىدى.

تۈركىيە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېزىلغان مەكتۇپتا، ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي باسقۇچنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بىلدۈرۈشىنى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا يېزىلغان مەكتۇپتا بولسا، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ مەكتۇپلارغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەدىن: «گۈلەن نېمىشقا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك» دەپ سورىغانىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يوللىدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككىنچى مەكتۇبىدا، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات بارلىقى، شۇڭا دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، ھەممىنىڭ دىققىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەكتۇپقا بېرىدىغان جاۋابىغا مەركەزلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر