فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى لەنەتلىدى

فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار يېقىنقى كۈنلەردە دۆلەتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئورتاق نامايىش ئۆتكۈزدى.

541332
فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى لەنەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا شوئار توۋلانمىدى، ئەمما نامايىشچىلار «قېرىنداشلىق ئارقىلىق چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.

نامايىشچىلار نامايىش تىنچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشتى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرى نامايىشقا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، Saint-Etienne-du-Rouvray  شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن راھىبنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى ھەرقايسى چېركاۋلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارغا «ھەمكارلىشىش» مەقسىتىدە قاتنىشىشى ئۈچۈن، فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر