ياپونىيە تەۋەلىكىگە قېچىپ بارغان فەتھۇللاھچى دىپلومات ھەققىدە بايانات بەردى

ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرى، ياپونىيەگە قېچىپ بارغان تۈرك كونسۇلخانا خادىمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

539788
ياپونىيە تەۋەلىكىگە قېچىپ بارغان فەتھۇللاھچى دىپلومات ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياپونىيەگە قېچىپ بارغان تۈركىيەنىڭ قازاندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى خىزمەتچىسى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياپونىيەنىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرى، «تۈركىيەنىڭ قازاندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ياپونىيەگە بارغانلىقىنى ۋە تۈرك ئەمەلدارلارنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆرۈشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز. ياپونىيە ھۆكۈمىتى، بۇ مەسىلىگە ئىچكى قانۇن بويىچە ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە قاراپ چىقىدۇ» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گۆلباشى ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق تەكشۈرۈش تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ قازان باش كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ياپونىيەگە قاچقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر