مېركېل: بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى تەكشۈرۈشى توغرا ۋە مۇھىم

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى قانۇن دۆلىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشىنىڭ توغرا ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

539794
مېركېل: بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى تەكشۈرۈشى توغرا ۋە مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل فېدېراتىپ مەتبۇئات ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەردوغان بىلەن يېقىن كېلەچەكتە ئۇچرىشىپ ئۇچراشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن مېركېل، كېچىككەندىمۇ سېنتەبىر ئېيىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مېركېل، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تۈركىيە مۇھىم بىر دۆلەت. مۇساپىرلارنى كۈتۈش جەھەتتە تۈركىيە ئۈلگە بولىدىغان ئىشلارنى قىلدى. تۈركىيەدىكى 3 مىليون مۇساپىر ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز.» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مېركېل، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە تۈزۈلگەن كېلىشىم تۈپەيلى قانۇنسىزلىقنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى نۇرغۇن قېتىم مۇزاكىرە قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مېركېل، «PKK نىڭ بىزدە چەكلەنگەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى، تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتىم. ھەر ماتېرىيالنى كۈزىتىپ كېلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر