ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىدىكى سۆھبىتى كۈرۈرمەن جەلپ قىلىشتا مېركېلدىنمۇ ئېشىپ كەتتى
سۆھبەت شۇنچە كەچتە باشلانغان بولۇشىغا قارىماي 1 مىليون 440 مىڭ كۆرۈرمەن تەرىپىدىن كۆرۈلگەن. تېلېۋىيەنىڭ بازاز پېيى %9.8 گە چىققان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ «ARD» تېلېۋزىيەسىدە ئالدىنقى كۈنى ئاخشام قاتناشقان سۆھبەت پىروگراممىسى 1 مىليون 440 مىڭ كۆرۈرمەن بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ARD» تېلېۋزىيەسىدىكى سۆھبىتى 25 – ئىيۇل يەرلىك ۋاقتى 20:55 دە تارقىتىلدى.
«ARD» تېلېۋزىيەسىنىڭ ھۆرررىيەت گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، جەمئىي 36 مېنۇت داۋاملاشقان سۆھبەت شۇنچە كەچتە باشلانغان بولۇشىغا قارىماي 1 مىليون 440 مىڭ كۆرۈرمەن تەرىپىدىن كۆرۈلگەن. تېلېۋىيەنىڭ بازاز پېيى %9.8 گە چىققان.
«ARD» تېلېۋزىيەسى يەنە ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ بىر قىسمىنى تۈنۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دىكى ۋە سائەت 22:15 دىكى خەۋەر پىروگراممىلىرى ئارىسىدا قىستۇرۇپ تارقاتقان.
سائەت 20:00 دىكى خەۋەر پىروگراممىسىنى 5 مىليون 150 مىڭ كىشى، سائەت 22:15 دىكى خەۋەر پىروگراممىسىنى بولسا، 2 مىليون 250 مىڭ كىشى كۆرگەن.
«ARD» تېلېۋزىيەسىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەننى جەلپ قىلىدىغان ۋاقتى ھېسابلىنىدىغان ۋە رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان 18:30 دىكى «ياز سۆھبەتلىرى» ناملىق پىروگراممىسىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى ئەردوغاننىڭكىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغان.
ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ياز سۆھبەتلىرى» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ بازار پېيى %8.2 ۋە خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى ھورسىت سېھوفېر بىلەن بۇ يىل ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ بازار پېيى %6.8 بولغان ئىدى.