خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئىشلەپچىقاردى

خىتاي ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە باشقا دۆلەتلەرگە بولغان بېقىنلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئىشلەپچىقاردى.

537993
خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئىشلەپچىقاردى

خىتاينىڭ جۇخەي شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى بولغان AG600تونۇشتۇرۇلدى.

بويىڭ 737 ئايروپىلانىدەك چوڭلۇقتا بولغان AG600، سائىتىگە 500 كىلومېتىر سۈرئەتتە ماڭالايدۇ.

خىتاي ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە باشقا دۆلەتلەرگە بولغان بېقىندىلىققا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئىشلەپچىقاردى. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ۋە دېڭىزدا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 12 سائەت ئاسماندا قېلىش ئىقتىدارى بولغان AG600، تەخمىنەن 54 توننا يۈك توشىيالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان 2009-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 150 تەتقىقات ئىنىستېتۇتى، ئايروپىلان زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىغان 70 شىركەت بۇ ئايروپىلاننىڭ ياسلىشىغا كۈچ چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر