باغداد يەنە قانغا بويالدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد يەنە قانغا بويالدى.

536419
باغداد يەنە قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كېلىپ 15 ئادەم ئۆلدى.

شىئەلەر زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كازىمىيە رايونىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ھۇجۇمدا 29 ئادەم يارىلاندى.

يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دوختۇرخانا مەسئۇللىرى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش مىلىتانلىرى ئۈستىگە ئالدى.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى بىلدۈرۈلگەن باغداد پات-پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولماقتا.


خەتكۈچ: #ئىراق , #لوزان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر