ئىسلام قوشۇنى تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى ئەيىبلىدى

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەردىن بىرى بولغان ئىسلام قوشۇنى تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

534293
ئىسلام قوشۇنى تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى ئەيىبلىدى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشچە، 15-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىدىن كېيىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەردىن جەيشۇل ئىسلام (ئىسلام قوشۇنى) بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىنى ئەيىبلەپ، تۈرك خەلقى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دەمەشق بولۇپ سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن رايونىدا بەششار ئەسەد بىلەن باشقا ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان جەيشۇل ئىسلام (ئىسلام قوشۇنى) تۈركىيەدە بىر ئوچۇم خائىن ھەربىي گۇرۇھنىڭ كۆتۈرگەن ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىنى چىقارغۇچىلارنى مەغلۇپ قىلىشىنىڭ ئوخشاشلا سۈرىيە خەلقى ئۈچۈنمۇ غەلىبە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر