كانادادىكى مۇسۇلمانلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى
دۇنيا جامائەتچىلىكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلارنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ بىر قاتار شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىغا كېلىپ ياكى تېلېگرامما يوللاپ تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تۈركىيەدىكى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمگە قارشى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەش، دېموكراتىيە ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە كانادانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى ياكى تېلېگرامما يوللىدى.
ئەلچىخانا خادىملىرى، بەزى رەسمىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە ئەلچىخانىغا كېلىپ تەزىيە ۋە تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزگىنىدىن باشقا سومالى، سۈرىيە ۋە لىۋانلىقلارنىڭمۇ ئەلچىخانىغا تېلېفون ئېلىپ ياكى بىۋاسىتە ئۆزى كېلىپ تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.