خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا لەنەت ياغدۇردى

خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىغا لەنەت ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان باياناتلار يېغىشقا باشلىدى.

530490
خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا لەنەت ياغدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدە سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھۆكۈمەتنى، دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق بارلىق ئورگانلىرى ۋە قانۇن – تۈزۈملىرىنى تولۇق قوللايدىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكې موغېرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر نامىدىن ئورتاق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىغا لەنەت ياغدۇردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ھەمراھ. ياۋروپا ئىتتىپاقى دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھۆكۈمەتنى، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئورگانلىرىنى ۋە قانۇن – تۈزۈملىرىنى تولۇق قوللايدۇ. تۈركىيەدە ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىزىغا چۈشۈشىغا تىلەكداشمىز. ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز.» شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىغا لەنەت ياغدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەنسۇپ ئۇنسۇرلارنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىنى لەنەتلەيمەن، بۇ مەسىلىنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تىلەكداشمەن، بارلىق تەرەپلەرنى تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، دېموكراتىك ئورگانلىرىغا ۋە قانۇن – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ. جۈملىدىن، ھەرقانداق خەۋپ ئاستىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەگە ياردەم بېرىدۇ.» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تۈركىيەدە دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھۆكۈمەتنى قوللاش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋەزەپىگە ئولتۇرغان پۇقراۋى ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتىك ئورگانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئارمىيەلەرنىڭ ۋەزىپىسى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتلەرنى ئاغدۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە خەلقنى ۋە دۆلەتنى قوغداشتۇر. جۈملىدىن ئارمىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەر تاپاقاندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران قالدىم، ھەمدە قاتتىق ئازابلاندىم. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە دېموكراتىيە يولىدىكى ئالغا ئىلگىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش نىشان قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى چوڭ تەھدىتتۇر. بىز ئىلگىرىمۇ بۇنداق سېنارىيەلەرنى كۆپ  قېتىم بېشىمىزدىن كەچۈردۇق. بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  ۋە تۈركىيە خەلقىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن. تۈركىيە خەلقىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، سايلام قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ھۆكۈمىتىنى جان دىلى بىلەن قوللاشقا ۋە قوغداشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر