ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قاتناشقان بىر تىك ئۇچار چەت ئەلگە قاچتى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قاتناشقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ شەھىرىگە قاچتى.

530579
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىغا قاتناشقان بىر تىك ئۇچار چەت ئەلگە قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتىنا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان تىك ئۇچار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان دەدەئاغاچ شەھىرىگە قونغان. گىرېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ERT نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا 8 كىشى بار بولۇپ، بۇ كىشىلەر گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئاتىنادىن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ۋەتەن خائىتىنى دەرھال تۈركىيەگە قاتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر