فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سىياسىي سۈيىقەستى جاھاننى زىلزىلىگە سالدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش سۈيىقەستى پۈتكۈل جاھاننى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى زىلزىلىگە سالدى.

530570
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ سىياسىي سۈيىقەستى جاھاننى زىلزىلىگە سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مەنبۇئاتلىرى پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ كوچىلارغا ۋە مەيدانلارغا سەلدەك ئېقىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش سۈيىقەستىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ھەمدە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۇ سۈيىقەستنى تارمار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ Financial Times› گېزىتى» تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى تۈركىيەنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلماقتا» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر قىلدى، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش سۈيىقەستىنىڭ پەقەت ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە ۋەزىيەتنى ئىزىغا چۈشۈرگەنلىكىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ كوچىلار ۋە مەيدانلارغا چىقىپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، سۈيىقەستنى تارمار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. گېزىت، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «دۆلىتىمىزنى ھەرگىزمۇ بۇ ئىشغالچىلارغا تارتتۇرۇپ قويمايمىز» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق تاراتقۇسى بولغان « BBC» نىڭ خەۋىردىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىغا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا چاقىرغانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

« BBC» يەنە ئەنقەرەدىكى فوتۇ سۈرەت مۇخبىرى پىرېۋ لانېۋنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەسىراتلىرىنىمۇ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەشتى: «بۇ كۈتۈلمىگەن بىر ئۆزگىرىش بولدى. چۈنكى تېخى تۈنۈگۈنگىچە ئەسكەرلەر بىلەن خەلق ناھايىتى سەمىمىي ئىدى. شۇڭا، كەڭ خەلق ئاممىسى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىشىدىن ھاڭ - تاڭ قالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر