خىتاينىڭ تۇنجى ئىت قان بانكىسى
خىتاينىڭ تۇنجى ئىت قان بانكىسى تەيۋەندىكى پىڭتۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا فاكۇلتېتى قارمىقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
529365
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13 – ئىيۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆي ئىتلىرىدىن قان ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت بۇ ئارقىلىق جىددىي قانغا ئېھتىياجلىق ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇشنى نىشان قىلماقتا.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قان بېرەلىشى ئۈچۈن ئىتلارنىڭ ساغلام بولۇشى، 1 ياشتىن 8 ياشقىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھازىرغىچە قان تەقدىم قىلغان ئىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كېيىنكى نىشانى مۈشۈكلەر ۋە ئۆي ھايۋانلىرى ئۈچۈنمۇ بىرەر قان بانكىسى تەسىس قىلىش ئىكەن.