دائېشقا قارشى 34 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يىغىننىڭ پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېقىن ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

528754
دائېشقا قارشى 34 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش قىسىمدا ئۇرۇن ئالغان 34 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 20 – ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ ساھىبخانلىقىدا مارىيلاند ئىشتاتىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يىغىننىڭ پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېقىن ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىكلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنغا خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش قىسىمدا ئۇرۇن ئالغان 34 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بۇ قېتىمقى يىغىندا بۈگۈنگە قەدەر ئىشقا ئاشقان ئىلگىرىلەشلەر، سەپەرۋەرلىكتە تاشلىنىدىغان مۇھىم قەدەملەر ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دائېشنى ئەبىدىيلىك مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى قانداق تېزلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېيىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر