گۈەنتانامودا ھازىر 76 مەھبۇس قالدى

گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مۇھەممەدى داۋلاتوۋ ۋە مەنسۇر ئەھمەت سائاد ئەل دەيفى ئىسىملىك ئىككى مەھبۇس سېربىيەگە يوللاندى.

527571
گۈەنتانامودا ھازىر 76 مەھبۇس قالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۇبادىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى گۈەنتانامودا قاماقلىق 2 مەھبۇسنى سېربىيەگە ئەۋەتكەندىن كېيىن، گۈەنتانامودا 76 مەھبۇس قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇھەممەدى داۋلاتوۋ ۋە مەنسۇر ئەھمەت سائاد ئەل دەيفى ئىسىملىك ئىككى مەھبۇسنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ۋە سېربىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئامېرىكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىگە ۋە  گۈەنتانامودىكى تۈرمىنى تاقىۋىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سېربىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېيىلدى.

2002 – يىلىدىن بۇيان ھەربىي تۈرمە ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان گۈەنتانامودا، ئافغانىستان قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئەل قائىدە ۋە تالىبان بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گۇماندارلار تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى قانۇنسىزلىقلارغا دائىر ياۋروپا پارلامېنتى مەخسۇس دوكلات تەييارلىغان ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  دوكلاتلاردىمۇ بۇ ئەھۋال «كىشىلىك ھوقۇق شەرمەندىچىلىكى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر