باغدادتا يەنە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

527545
باغدادتا يەنە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر بازاردا پارتلاش يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى، 32 ئادەم يارىلاندى.

يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلدى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.

بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پات-پات ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.

پايتەخت باغدادنىڭ قاررادا رايونىدا 3-ئىيۇلدا مەيدانغا كېلىپ ئەڭ ئاز 292 ئادەم ئۆلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر