ئەششەباب موقدىشۇدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى بىر ھەربىي بازا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 10 ئەسكەر ئۆلدى.

527032
ئەششەباب موقدىشۇدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موقدىشۇدىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئەششەباب تەشكىلاتى، توقۇنۇش ئەسناسىدا 30 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى، قورال ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى مۇسادىرە قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەششەباب تەشكىلاتى مارت ئېيىدىمۇ مەزكۇر بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنىدى.

سومالىدا 2004 – يىلى قۇرۇلغان ئەششەباب تەشكىلاتى، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يېزا – بازارلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

 بۇ تەشكىلات سومالىدا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە سۇيىقەست قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر