خىتاينىڭ تۇنجى توشۇمىچى پويىزى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقتى

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا توشۇمىچىلىق قىلىدىغان تۇنجى پويىز سەپىرى باشلىدى.

527146
خىتاينىڭ تۇنجى توشۇمىچى پويىزى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان خېبىي ئۆلكىسىدىن قوزغالغان تۇنجى يۈك پويىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، مەزكۇر يۈك پويىزى شىجىياجۇاڭ، تايۇەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھورگوس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرگەندىن كېيىن ئالمۇتا ۋە چىمكەنتنى بويلاپ ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارىدىكەن.

پويىزنىڭ 5 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 8 كۈندە بېسىپ ئۆتۈپ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە تاشكەنتكە يېتىپ كېلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا شىرىكلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان خىتاي بىلەن رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تاشقى سودا ھەجمى يېقىنقى مەزگىللەردە سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خېلى كۆپ سالمىقىنى خىتاي مەھسۇتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر