داللاس خەلقى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى

داللاس خەلقى ئۆتكەن ھەپتە بەش ساقچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان ھۇجۇمدىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەشكە باشلىدى.

526824
داللاس خەلقى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ داللاس شەھىرىدە زىيارەتچىلەر  ساقچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جاي ۋە داللاس ساقچى مەركىزىگە سەل بولۇپ ئاقتى. زىيارەتچىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەپ، شام ياقتى ۋە گۈلچەمبىرەكلەر قويدى.

ساقچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 25 ياشلىق كونا ئەسكەر مايكا جانسىن ئىسىملىك قارا تەنلىك جىنايەتچىنىڭ ئەسلىدە بۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ ھۇجۇم پىلانى تۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. داللاس ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى جىنايەتچىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىلىرى، پارتلىغۇچ ماددىلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. جىنايەتچىنىڭ ئۆيىدە كۆپ مىقداردا پارتلىغۇچى ماددا تېپىلغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكادا قارا تەنلىكلەرنىڭ غەزىپى بېسىقمىدى. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە كىشىلەر «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىكتۇر» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلار بىلەن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قىلغان زوراۋانلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. پات – پات جىددىيچىلىكلەر يۈز بەرگەن نامايىشلاردا ئونلارچە كىشى قولغا ئېلىندى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى زوراۋانلىقلارنى پەيدا قىلغان نامايىشلارغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر