بىر كۆچمەن چامىداننىڭ ئىچىگە مۈكۈنۈپ شىۋېتسارىيەگە كىرمەكچى بولدى

خەۋەردە، شىۋېتسارىيە چېگرا ساقچىسىنىڭ چامىداننىڭ شەكلى ۋە ئېغىرلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئېچىپ تەكشۈرمەچى بولغانلىقى ۋە چامداننىڭ ئىچىدىن ئەرىترەلىك بىر كۆچمەننىڭ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

525023
بىر كۆچمەن چامىداننىڭ ئىچىگە مۈكۈنۈپ شىۋېتسارىيەگە كىرمەكچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرىترەلىك بىر كۆچمەن چامداننىڭ ئىچىگە مۈكۈنۈپ شىۋېتسارىيەگە كىرىش ئالىدىدا قولغا ئېلىندى.

شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان خەۋەرگە كۆرە، ئەرىترەلىك 21 ياشلىق كۆچمەن چامىداننىڭ ئىچىگە مۈكۈنۈپ، ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدىن شىۋېتسارىيەگە پويىز بىلەن يولغا چىققان. بىراق شىۋېتسارىيە – ئىتالىيە چگراسىدىكى تىكىنو چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا بايقىلىپ قىلىپ، چامىداننىڭ ئىچىدىن قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە، شىۋېتسارىيە چېگرا ساقچىسىنىڭ چامىداننىڭ شەكلى ۋە ئېغىرلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئېچىپ تەكشۈرمەچى بولغانلىقى ۋە چامداننىڭ ئىچىدىن ئەرىترەلىك بىر كۆچمەننىڭ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چامىداننىڭ ئىچىدە قولغا ئېلىنغان ئەرىترەلىك كۆچمەن، چانداننى ئېلىپ ماڭغان ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئىتالىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر