ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

ئاق دېڭىزدا تۇنىسلىق 28 كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان بىر كۆچمەن كېمىسى چۆكۈپ كەتتى.

523156
ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىسلىق 28 كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ لىۋىيە دېڭىز  تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 16 كىشى يوقاپ كەتتى، 12سى قۇتۇلۇپ قالدى.

تۇنىسلىق پائالىيەتچى مۇستافا ئابدۇلكەرىم، تۇنىسنىڭ مەدنىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىنگىردان ناھىيەسى ۋە جەرجىس شەھىرىدىن 28كىشىنى ئىتالىيەگە ئېلىپ ماڭغان كېمىنىڭ، تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ ساھىل شەھىرى سابراتادىن يولغا چىققانلىقىنى بىراق يېرىم سائەتتىن كېيىن چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلكەرىم چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن 12 كىشىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقالىغانلىقىنى، بىراق 16 كىشىدىن ھېلىھەم خەۋەر ئېلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كۆچ ئىشلىرى تەشكىلاتى ئۆتكەن ئاي بايانات بېرىپ، 2016-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 210مىڭ 643 كۆچمەننىڭ ئاق دېڭىز يولى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يېتىپ بارالىغانلىقىنى، بۇ ئۇزۇن سەپەر ئەسناسىدا 2859 كىشىنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر