ئوغلىنى دائېشتىن قۇتقۇزغان تۇنىسلىق گېنېرال تۈركىيەدە ئۆزىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇپ قالمىدى

دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئوغلىنى ئاران قۇتقۇزۇپ قالغان تۇنىسلىق گېنېرال ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

521191
ئوغلىنى دائېشتىن قۇتقۇزغان تۇنىسلىق گېنېرال تۈركىيەدە ئۆزىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇپ قالمىدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوغلىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان تۇنىسلىق گېنېرال فەتھى بەييۇد، ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىدە ئۆلگەن.

بەييۇدنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەييۇدنىڭ ئوغلىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى، بىراق تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بەتلىرىدە دائېش ئەزالىرى بىلەن تونۇشۇپ سۈرىيەگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بەييۇدنىڭ ئوغلىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بەييۇدنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى، بەييۇدنىڭ ئوغلىنىڭ تۈركىيەگە قايتىش ئەسناسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئەسنادا بەييۇدنىڭ تۇنىستىن ئوغلىنى زىيارەتكە كەلگەن رەپىقىسىنى كۈتكەنلىكىنى ئېيتقان يېقىن-يورۇقلىرى، بەييۇد ۋە رەپىقىسىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە تۇنىسقا قايتىپ كېتىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.

تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى باشلىقى بولغان ھەربىي دوختۇر گېنېرال فەتھى بەييۇدنىڭ تۈنۈگۈن ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر