مېركېل تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

521693
مېركېل تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا گېرمانىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى سىتېفېن سېيبېرت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مېركېل تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا سادىر بولغان تېررورلۇق ۋەقەسىدىن سەۋەبىدىن، چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنساننىڭ ئىززەت-ئابرويىنى دەپسەندە قىلغان بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تېررورىزىم تەھدېتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقانلىقلىرىمۇ تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر