فىرانسىيەنىڭ خىزمەت ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى يەنە بىر قېتىم ئېغىر سۈركىلىشكە سەۋەب بولدى
فىرانسىيەدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ساقچىلارنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئۆزئارا قارىمۇ قارشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان خىزمەت ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدىن كېيىن پالاتانىڭمۇ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پالاتادا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ زىيانلىق ھالەتتە ئېغىرلاشتۇرۇلدى. لېكىن، لايىھەنىڭ پالاتادا 156 گە قارشى 185 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ئۇنىڭ قانۇنلىشىشىغا يەتمىدى. ئاساسىي قانۇننىڭ رۇھىغا ئاساسەن، لايىھە دۆلەت مەجلىسىگە قايتۇرۇلۇپ، 5 – ئىيۇلدا قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بۇ جەرياندا، لايىھەگە قارشى چىققۇچىلار پارىژدا يەنە نامايىش ئۆتكۈزدى؛ ئۇيۇشمىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. ساقچىلار، نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.
دەتالاش پەيدا قىلغان قانۇن لايىھەسى، كۈندىلىك خىزمەت قىلىش مۇددىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، خىزمەت كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتى بېرىش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.