قىرغىزىستان بىلەن چىلىدا يەر تەۋرىدى

قىرغىزىستاننىڭ تاغلىق رايونى بىلەن چىلىدا يەر تەۋرىدى.

518766
قىرغىزىستان بىلەن چىلىدا يەر تەۋرىدى

قىرغىزىستاندا 6.3 بال، چىلىدا بولسا 5.5 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قىرغىزىستاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى بازىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تاجىكىستان چېگراسىغا يېقىن جايدىكى تاغلىق رايون ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەرنىڭ 18 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىدى.

قىرغىزىستاننىڭ بۇ تاغلىق رايونىدا پات-پات يەر تەۋرەيدۇ.

چىلىنىڭمۇ شىمالىدا 5.5 بال يەر تەۋرىدى، چىلىنىڭ شىمالىدىكى مىس مەدەنلىرى رايونىدا ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش ھادىسىسى، يەرنىڭ 130 كىلومېتىر چوڭقۇرلىقىدا يۈز بەردى.

چىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يەر تەرۋرەش ھادىسىسى يۈز بېرىدىغان «ئوت چەمبىرىكى»دەپ ئاتىلىدىغان يەر تەۋرەش بەلۋىغىغا جايلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر