سومالىدا ئەش شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىدا ئەش شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر مېھمانسارايغا بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

518303
سومالىدا ئەش شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى سومالىدا تېررورچىلار بىر مېھمانسارايغا بېسىپ كىرىپ 14 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئەش شەباب تەشكىلاتىغا تەۋە بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر مېھمانسارايغا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، دەسلەپ مېھمانساراينىڭ كىرىش ئېغىزىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتىلاتتى، ئارقىدىن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەتراپقا ئوق چىقاردى.

ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن زوراۋانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى يارىلاندى، ئەل قائىدىگە چېتىشلىق بولغان ئەش شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى، سومالىدىن سىرت، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرى سادىر قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر