ياۋروپا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى.

517651
ياۋروپا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تۇسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتز، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى.

يۇنكېر يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق باياننامىنى ئوقۇدى، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارىدىن كېيىن مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشماسلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يول باشچى دۆلەتلىرى ھېسابلىنىدىغان گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەدىن بۇ مەسىلىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارى ياۋروپاغا نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر سىناق بولدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە فىرانسىيە ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر