رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلدى.
516841
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 7 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قاتىرجى رايونى بىلەن ھرەيتان ۋە ئانادان ناھىيەلىرىگە شاراپنېل بومبىسى تاشلىدى. ئاھالىلەر رايونلىرىغا چۈشكەن بومبىلار 8 پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
قاتىرجى رايونىدا خارابىلىك ئاستىدا قالغان ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.