ئافغانىستاندا تالىبان يەنە تالاپەتكە يولۇقتى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 5 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

515060
ئافغانىستاندا تالىبان يەنە تالاپەتكە يولۇقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 5 تالىبان مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قۇندۇز ساقچى ئىدارىسى باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد قاسىم جەنگېلباغ، قۇندۇزنىڭ ئىمام ساھىب ناھىيەسىدە ناتو قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 5 تالىبان مىلىتانىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ مۇھىم بىر قوماندانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن جەنگېلباغ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىدى،  ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ قۇندۇزنىڭ داشتى-ئارچى ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 6 مىلىتان ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر