سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش كېلىشىمى ئەمەلدىن قالدى

مىسىر مەمۈرىي سوت مەھكىمىسى تىران ۋە سانافىر ئاراللىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئىمزالانغان «قىزىل دېڭىز چېگرا كېلىشىمى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

515286
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش كېلىشىمى ئەمەلدىن قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مەمۈرىي سوت مەھكىمىسى تىران ۋە سانافىر ئاراللىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئەمما مىسىر قانۇنى بويىچە سوتنىڭ قارارىغا ئېتىراز قىلغىلى بولىدۇ. مىسىرلىق ئىككى ئادۋوكات خالىد ئەلى بىلەن ئەلى ئەييۇب چېگرا كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن 10 – ئاپرېلدا قىلغان دەۋا 17 – ئاپرېلدا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ زىيارىتى جەريانىدا 8 – ئاپرېل چېگرا كېلىشىمى ئىمزالاپ، تىران ئارىلى بىلەن سانافىر ئارىلىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ كېلىشىم، مىسىردا ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەتنى تەرەپدارى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا، بۇ ئىككى ئارالنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان توققۇز دانە ھۆججەت ئېلان قىلغان ئىدى.

15 – 25 – ئاپرېل كۈنلىرى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن پارتلىغان نامايىشلاردا قولغا ئېلىنغان ئونلارچە كىشى سوتلىنىپ، ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قلىنغان، بەزى نامايىشچىلارغا بولسا، جەرىمانە قويۇلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر