ئامېرىكا سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىدىغان 51 دىپلومات، ئاقكساراينىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئەسكىرى ھۇجۇم قىلىشنى چاقىرىق قىلىدىغان خىتابنامە ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ھازىرقى سۈرىيەگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ۋە بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا قېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك 51 دىپلومات ئىمزا قويغان خىتابنامىدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كىشىنى ئىشەندۈرىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنمىغان ئەھۋالدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بېسىم ھېس قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتابنامىنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.