شىددەتلىك ھۆل - يېغىن خىتايدا ئادەم ئۆلۈش ۋە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
خىتايدا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان كەلكۈن ئاپىتىدە 10 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يوقاپ كەتتى.
512082
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، خۇنەن، گۇيجۇ ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىرىدە كۆرۈلگەن شىددەتلىك ھۆل – يېغىندا 1400 ئۆي – ماكان يىقىلىپ چۈشتى.
ھۆل – يېغىن 20 مىڭ گىكتارغا يېقىن تېرىلغۇ يەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى، 1400 ئۆي – ماكاننىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنى ۋە 700 ئۆي – ماكاننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى ھۆل – يېقىن جەمئىي 277 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈردى.
رايوندا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.