دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ سىرلىرىنى پاش قىلىۋەتكەن شىركەتنىڭ ئېنژىنېرى تۇتۇلدى

پاناما مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ « off-shore» قانۇنچىلىق ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكى شىركىتى Mossack Fonseca نىڭ كومپيۇتېر ئېنژىنېرى كۆپ ساندىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇتۇلدى.

511982
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ سىرلىرىنى پاش قىلىۋەتكەن شىركەتنىڭ ئېنژىنېرى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسارىيەدە فىرانسۇز تىلىدا چىقىدىغان «‹ Le Temps › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېنژىنېرى دۇنيا رەھبەرلىرىگە ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋاقىتلىق قولغا ئېلىغان. جەنۋە رايونلۇق باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خەلقئارا تەتقىقاتچى ژۇرنالىستلار تەشكىلاتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇنلىغان شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ « off-shore »  سېلىنما پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىۋەتكەن پاناما ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ پاش قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ۋە بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلغانىدى.

«پانام ھۆججەتلىرى» نامىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارا قىلىنغان مەخپىي ھۆججەتلەردە كۆپلىگەن شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق باج ئوغرىلاش، پۇل يۇيۇش، خەلقئارالىق سېلىنمىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە « off-shore » شىركەتلىرى ۋە ھېساباتلىرى ئارقىلىق پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئادەتتە باج تاپشۇرماسلىق ياكى ئاز باج تاپشۇرۇش ئۈچۈن چەت ئەللەردە قۇرۇلغان ۋە «باج جەننىتى» دەپ ئاتالغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى « off-shore» شىركەتلىرىگە دۇنيادىكى مەۋجۇت مال – مۈلۈكلەر ۋە پۇللار باج تۈزۈملىرىدىن ھالقىغان ھالدا ئامانەت قويۇلماقتا.

جەنۋەدە قولغا ئېلىغان ئېنژىنېرنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ خادىمى ۋە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇشى ئېدۋارد سنوۋدېننى خاتىلىرىلەتتى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA)  ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى (NSA)  نىڭ خادىمى ئېدۋارد جوزىف سنىوۋدېن 2013 – يىلى NSA نىڭ مەخپىي ھججەتلىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلاپ، NSA نىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىۋەتكەنىدى.

مەخپىي ھججەتلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سنوۋدېن ۋاقىتلىق پاناھلىق تىلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيەدە ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر