ئىسلام دۈشمىنى جۇمھۇرىيەتچى تىرامپ يەنە مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت ياغدۇردى

ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە رەئىس نامزاتى «ئىسلام دۈشمىنى» تىرامپ، ئورلاند ئىشتاتىدىكى ۋەقەنى باھانە قىلىپ مۇسۇلمانلارغا يەنە ھاقارەت ياغدۇردى.

509584
ئىسلام دۈشمىنى جۇمھۇرىيەتچى تىرامپ يەنە مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت ياغدۇردى

ئامېرىكىدىكى پىرىزېدېنتلىق رىقابىتىدە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ نامزاتى بولۇش ئۈچۈن سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيتىى ئۆتكۆزۈپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ پائالىيەت جەريانىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلغان گەپ-سۆزلىرى بىلەن قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان ئۆي-مۈلۈك مىلياردنېرى «ئىسلام دۈشمىنى»دونالد تىرامپ، ئورلاند ئىشتاتىدا مەيدانغا كېلىپ 50 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كېيىن، قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان تەكلىپ-لايىھەلىرىنى يەنە تەكىتلەپ ئۆتتى.

«مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئامېرىكىلىقلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى«نى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تىرامپ، ئامېرىكىغا مۇسۇلمانلارنى كىرگۈزمەسلىك كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە، بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما ۋە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندۇننىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سادىق خان بولۇپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى.

بۇلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ كەينىگە داجىشقا مەجبۇر بولغان تىرامپ، تۈنۈگۈن ئورلاند ئىشتاتىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكىغا مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ تولىمۇ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقاتتى.

«پىرىزېدېنت ئوباما ئاشقۇن ئىسلام تېررورىزىمىدىن گەپ قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ گەپ قىلمايدىغان بولسا دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك» دېگەن تىرامپ، ئورلاند ئىشتاتىدا يۈز بەرگەنلەرنىڭ ئىشنىڭ مۇقەددىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشتا ئاجىزلىقلارنىڭ بارلىقىنى، شۇڭلاشقا، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئويلىغانلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلىرىنىڭ تولىمۇ يوللۇق ئىكەنلىكىنى قايتىلاپ ئۆتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر