دەمەشق بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

بۇ ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تىن كوچىسىدا ئابتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى پارتلاش يۈز بەردى.

508960
دەمەشق بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.

سەييىدى زەينەپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ھۇجۇمدا 8 كىشى ئۆلۈپ 25 كىشى يارىدار بولدى.

تۈنجى پارتلاش ئادەم بومبىنىڭ دايابىيە تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمى تۈپەيلى مەيدانغا كەلدى.

بۇ ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تىن كوچىسىدا ئابتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى پارتلاش يۈز بەردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

تۈنجى پارتلاش يۈز بەرگەن سەييىدى  زەينەب شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، سەييىدى زەينەبتە فېۋرال ئېيىدا نۇرغۇن قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن  ۋە 83 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 170 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

 

 

 


خەتكۈچ: #دائېش , #ھۇجۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر