يۇسۇپ ئىسلام: مەرھۇم مۇھەممەد ئەلى كېيىن مۇسۇلمان بولغانلارغا ئۈلگىدۇر

ئەنگلىيەلىك سەنئەتچى يۇسۇپ ئىسلام بوكس شاھى مەرھۇم مۇھەممەد ئەلىنىڭ كېيىن مۇسۇلمان بولغانلارغا ئۈلگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

508109
يۇسۇپ ئىسلام: مەرھۇم مۇھەممەد ئەلى كېيىن مۇسۇلمان بولغانلارغا ئۈلگىدۇر

ئىنگلىز سەنئەتچى يۇسۇپ ئىسلام بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كېيىن ئسىلامغا كىرگەن مۇھەممەد ئەلى ئۈچۈن لىيۇسۋىللېدىكى ئەركىنلىك زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جىنازە مۇراسىمىدىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كېيىن ئىسلامغا كىرگەنلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«مۇھەممەد ئەلى ماڭا ئوخشاش كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈن ئۈلگىلىك شەخس»دېگەن يۇسۇپ ئىسلام، مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمىغان بىر ئىشنى مۇمكىن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزى ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بوكس شاھى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە ئاخىرقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئېيتقان يۇسۇپ ئىسلام، مۇھەممەد ئەلىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا يول كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇسۇپ ئىسلامغا ئوخشاش كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىدىكى جامائەت ئەربابى زايتۇنە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ھەمزە يۇسۇپمۇ مۇھەممەد ئەلىنىڭ 20-ۋە 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بوكس شاھىنىڭ ئىسلامنىڭ تىنچلىق ۋە سۆيگۈ دىنى ئىكەنلىكىنى ياقلاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن يۇسۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىنسانىيەتنى سۆيسىڭىز ئىنسانىيەتمۇ سىزنى سۆيىدۇ، مۇھەممەد ئەلى ئىنسانىيەتنى سۆيگەنىدى، ئىنسانىيەتمۇ ئۇنى سۆيدى.»

مۇھەممەد ئەلىنىڭ پەيغەمبەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىڭ ياشلارغا ناچار ئۈلگە بولىۋاتقان بىر دەۋىردە مەشھۇر بوكس شاھىنىڭ ياشلار ئارىسىدا ئىسلام ۋە تىنچلىقنىڭ تارقىلىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ھەمزە يۇسۇپ  مۇھەممەد ئەلىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئاق تەنلىكنىڭمۇ ئىرقچىلىقنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە قارا تەنلىكلەرگە بولغان پوزىتسيەسى ۋە قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازىسىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەشھۇر شەخسلەر قاتناشتى، ئۇ ئۆزى دېگەندەك پۈتكۈل دۇنيانى تىترەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر