رۇسىيە ئايروپىلانى ئېستونىيەنىڭ ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلدى
ئېستونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەگە تەۋە «An-26» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېستونىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىر رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېستونىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى.
ئېستونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەگە تەۋە «An-26» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ فىنلاندىيە دېڭىز قولتۇقىدىكى ۋىئاندلۇ ئارىلىغا يىقىن جايدا، ئېستونىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا خەلقئارا ھاۋا ساھەسىدە ئۇچۇشى كېرەكلىك بولغان رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئېستونىيە ھاۋا ساھەسىگە 1 مىنۇتقا يېقىن سوقۇنۇپ كىرگەنلىكى ۋە ئۇچقۇچىلارنىڭمۇ ئېستونىيە ھاۋا ساھەسى باشقۇرۇش سۈپىسى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن بىر يىل ئىچىدە 3 قېتىم ئىستونىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغان بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.