يەمەندە ھاكىمىيەت بىلەن شىئەلەر مۇھىم بىر مەسىلىدە كېلىشتى

يەمەندە ھاكىمىيەت بىلەن شىئە ھۇسىيلار ئەسىرگە چۈشكەن بالىلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

505541
يەمەندە ھاكىمىيەت بىلەن شىئەلەر مۇھىم بىر مەسىلىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ئۆز-ئارا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر توقۇنۇش ئەسناسىدا ئەسىرگە چۈشكەن بالىلارنى كېلىشىم دائىرىسىدە قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە توقۇنۇشلار ئەسناسىدا ئەسىرگە چۈشكەن بالىلار شەرتسىز ئائىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

كېلىشىم ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، بۇ شىئە ھۇسيلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل 21-ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملاشقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كونكرېت نەتىجە بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا 785 بالا بولۇپ جەمئىي 7185  ئادەم ئۆلگەن، تەخمىنەن 1200 بالا يارىلانغان.

يەمەندە ئەسىر بالىلار توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدا پات يېقىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغاندەك ئەمەس.

ئادەن ئايرودۇرۇمىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ، 1 كىشى ئۆلدى. تايىزدا شىئە ھۇسىيلارنىڭ ئولتۇراق رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 2 ئادەم ئۆلدى، 17 ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر