ئىسلام ئارمىيەسى قوماندانلىق شىتابى قۇرىدۇ

34 مۇسۇلمان دۆلىتى ئارمىيەلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىسلام ئارمىيەسى قوماندانلىق شىتابى قۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

505162
ئىسلام ئارمىيەسى قوماندانلىق شىتابى قۇرىدۇ

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، رامىزان ئېيىدا تۈركىيەمۇ بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىسلام ئارمىيەسىگە تەۋە قوماندانلىق شىتابىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.

تۈركىيە قاتارلىق 34 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئارمىيەلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى ئورتاق كوردىناتسىيە مەركىزى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنماقتا.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئورتاق كوردىناتسىيە مەركىزى رامىزان ئېيىدا قۇرۇلىدىكەن.

ئىسلام ئارمىيەسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ بولۇپمۇ دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئىران بىلەن ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقدېشى بولغان ئىراق ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئورتاق ھەربىي قوماندانلىق شىتابىغا ئەزا بولغان 34 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالماسلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر